8 بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.
ئۇ: ‹مېنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىم پادىشاھتەك قۇدرەتلىكقۇ؟!
سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلالامسىلەر؟!
مال-مۈلكۈڭنى، بايلىقلىرىڭنى بۇلاپ، سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، چىرايلىق ئۆيلەرنى تۈزلىۋېتىدۇ. خارابىلىكتىكى تاش ۋە ياغاچلىرىڭنى دېڭىزغا تۆكىدۇ.
سىلەرنىڭ سودىگەرلىرىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىر توپ چېكەتكىلەردەك ھەممىنى قۇرۇقداپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ.
تىر خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇختا سېپىل ياسىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن كۈمۈشلىرى توپىدەك، ئالتۇنلىرى كوچىلاردىكى لايدەك دۆۋىلەندى.
ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.
بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»