4 ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ! چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.»
كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.
ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى
تىرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، سىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرى،
ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سىدون شەھىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز
ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي سىدون، ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىمەن، ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى.
ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا ئاررام، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.