2 ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار ۋە سىدون سودىگەرلىرى، سىلەر سۈكۈتتە قايغۇرۇڭلار! سودىگەرلىرىڭلار دېڭىزلاردا تىرىكچىلىك قىلاتتى،
دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن. سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن، دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن. سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ، لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سىدون شەھىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.»