يەشايا 23:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ. Faic an caibideil |
ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.
لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.