11 بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»
مىشما، دۇماھ، ماسا،
ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،
ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى: «كەمىنىلىرى ياقۇپ تا ھازىرغىچە لاباننىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كەلدىم.
مىشما، دۇماھ، ماسا، خاداد، تەما،
ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
جېسەكچىلەر مېنى كۆرۈپ توختىدى، سورىدىم مەن ئۇلاردىن: _ كۆردۈڭلارمۇ ئاشىقىمنى؟
قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»
ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «شەھەر قوۋۇقىغا بىر قاراۋۇل قويۇڭلار. ئۇ كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرسۇن.
كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،
مەن پەيغەمبەرلەرنى جېسەكچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ، ‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم. بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى يەھۇدىيە خەلقىدىن ئۆچ ئېلىپ، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى.
ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر.
لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «گازا خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىدومغا قۇللۇققا ساتتى.
ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ، دۈشمەن بولغان سەئىرنىمۇ ئىگىلەيدۇ، ئىسرائىللار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سەئىرلىكلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن بىر غېرىچنىمۇ سىلەرگە بەرمەيمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئاراب، دۇماھ، ئەشئان،