Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 20:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالاڭ ئاياغ ۋە كىيىمسىز يۈردى. مانا بۇ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 20:3
16 Iomraidhean Croise  

مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن. بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


بۇ چاغدا پادىشاھ سانخېرىب ئېفىيوپىيە پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.


مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر.


پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن بېرىپ، كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېلىڭگە پوتا قىلىپ باغلىغىن. ئۇنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويمىغىن، _ دېدى.


نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.


بىر قىلىچ مىسىرغا قارشى چىقىدۇ، كۇش ئېلى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. مىسىردا نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولىدۇ ۋە دۈشمەنلەر مىسىرنىڭ بايلىقلىرىنى ئولجا ئالىدۇ. مىسىر يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مىسىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى گۇمران بولىدۇ، مىسىرنىڭ پەخىرلەنگەن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ. مىگدولدىن ئاسۋانغىچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.


قولۇڭغا بىر تاۋا ئېلىپ، ئۇنى سەن بىلەن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر تام سۈپىتىدە تىكلەپ قوي. ئاندىن شەھەرگە يۈزلەن، شەھەر قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتتە بولسۇن، شەھەرنى سەن قورشاۋغا ئالىسەن. بۇ ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن بىر بېشارەت بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي كۇشلار، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»


ئەي باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇرسىلەر. مەن ‹نوتا› دەپ ئاتالغان خىزمەتكارىمنى ئەۋەتىمەن.


بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan