Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 2:2
56 Iomraidhean Croise  

ياقۇپ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ھەممىڭلار ئالدىمغا كېلىڭلار، سىلەرگە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئاڭلىتاي!


قوغدىغۇچىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ ئاخىر بىر كۈنى زېمىنغا دەسسەيدۇ.


بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا، ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.


سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى، تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.


يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.


بەرھەق، ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى تەۋەدۇر پەرۋەردىگارغا، ئۇ سەلتەنەت يۈرگۈزەر بارلىق مىللەت، ئەللەر ئارا.


بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.


خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.


ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە، فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە.


سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.


مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر تۇرار.


پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.


شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.


بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.


ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر. خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك، خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»


ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.


مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»


ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.


لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،


ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ.


ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىلەر.


_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى.


ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.


لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


لېكىن كەلگۈسىدە مەن ئېلامنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!


ئەي گوگ، سەن خۇددى قارا بۇلۇت زېمىنغا باستۇرۇپ كەلگەندەك خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى زېمىنىمغا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، شۇ ئارقىلىق مەن باشقا ئەللەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن.


غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى.


مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.


لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا چۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەندۇر. سىلى تۆشەكتە ياتقان ۋاقىتلىرىدا مۇنداق چۈش ۋە ئالامەتلەرنى كۆردىلە.


شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.


سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كەلگەن قورام تاشنىڭ تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر.


شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.


يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.


پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.


كۆپ خەلقلەر ۋە كۈچلۈك ئەللەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ ھەم مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلتىپات قىلىشىمنى تىلەيدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»


زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق ئەللەر: ‹ئۇلارنىڭ بېشىغا بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ!» مانا بۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن ھازىر ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن، لېكىن مەن ساڭا، ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.


«خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى: ˜مەن ئاخىر زاماندا ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. ئوغۇل-قىزلىرىڭلار مېنىڭ ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر، ياشانغانلارغا چۈشلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.


مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا بىزگە ئۆز ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. خۇدا كائىناتنى ئوغلى ئارقىلىق ياراتتى ۋە ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكىتتى.


ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاخىر زاماندا ئۆزىنىڭ يامان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، سىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan