Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇلارنى خۇددى لىۋاننىڭ پەلەككە تاقاشقان ئېگىز كېدىرلىرى ۋە باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغاندەك كېسىپ تاشلايدۇ،

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 2:13
9 Iomraidhean Croise  

جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى، شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان كېدىرلىرى.


ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ. ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.


زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.


سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،


پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى. پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ، پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت يېرۇسالېمنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan