10 سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟! ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!
مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم. چۈنكى مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن.
ئۇلارنى بىرلىكتە يەرگە كۆمۈپ، گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەت.
جاھان ئەھلىنى ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ بىلەن ئۇلار خەۋەردار قىلار، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك سەلتەنەتىنى مەلۇم قىلار.
غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟
سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟
خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ.
ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ، تۇزاقلارغا چۈشىدۇ، زىندانلارغا قامىلىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
ئى بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھى، بارلىق ئىنسانلار سەندىن ئەيمىنىشى كېرەك. چۈنكى سەن ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن. ئەللەرنىڭ ئىچىدىكى دانا كىشىلەر ياكى پادىشاھلار بولسۇن، ساڭا تەڭداش بولىدىغانلىرى يوقتۇر.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن.
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.
ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەرمۇ ئەمدى مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ قالىسىلەر، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن يوشۇرۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا پاناھ ئىزدەپ يۈرىسىلەر.
كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. جېنىڭلارنى ئالغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. قورقۇشقا تېگىشلىكى ئەنە شۇ.
ئۇ چاغدا، كىشىلەر خۇدانىڭ غەزىپىدىن قېچىش ئۈچۈن تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگىمۇ: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ يالۋۇرىدۇ.
بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.