9 كەندىردىن يىپ ئېشىدىغانلار قايغۇرىدۇ، رەخت توقۇيدىغانلار ئۈمىدسىزلىككە تولىدۇ.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى.
ئۇ ياسىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر: ئىككى تۈۋرۈك، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى، كومزەك شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،
يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان ئېسىل زىغىر يىپتىن رەخت توقۇيدىغانلارنىڭ جەمەتلىرى،
كارىۋىتىمنى مىسىرنىڭ رەڭلىك ياپقۇچلىرى بىلەن ياپتىم.
مىسىرنىڭ ئېسىل زىغىر رەختىدىن كەشتىلەپ ياسالغاندۇر يەلكىنىڭ، تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ. ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.