Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 19:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن. بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 19:4
9 Iomraidhean Croise  

مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. ھەممە ئائىلە كىشىلىرى، ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ.


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالاڭ ئاياغ ۋە كىيىمسىز يۈردى. مانا بۇ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر.


چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى، مىسىرلىقلار ۋە ئېفىيوپىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز يالىڭاچ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇس.


مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىگە، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مىسىردا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئادەم ياشايدۇ.


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ مىسىرنى تالان-تاراج قىلىپ، بايلىقلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. مىسىردىكى بايلىقلار بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ.


نىل دەرياسىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى رەزىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مىسىر زېمىنىنى ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›


شۇنداقتىمۇ نو خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن بولدى. ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، مۆتىۋەرلەرگە چەك تاشلاندى، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى كىشەنلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى.


سائۇلغا داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت سېپىللىرىغا دەرۋازا ئورنىتىلىپ، بالداق بېكىتىلگەن شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan