يەشايا 19:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ. Faic an caibideil |
سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.
ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.