يەشايا 18:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار. Faic an caibideil |
شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر. ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.