Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 17:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 «شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ. خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 17:4
15 Iomraidhean Croise  

ئارقىدىن كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق يەتتە تۇياق كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى ھېلىقى يەتتە كالىنىڭ يېنىغا باردى.


ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى.


ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاسسۇردىكى خالاخ شەھىرىگە، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرىگە ۋە مىدىيادىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاسسۇرلارغا ئۇلارنىڭ پالۋانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كېسەل ئەۋەتىدۇ، ئاسسۇرلارنىڭ شۆھرىتىنى لاۋىلداۋاتقان ئوت يالقۇنى يالماپ كېتىدۇ.


سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟


ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ، دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ. قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


مانا بۇ، جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈن. خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا، زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا، ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش، دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ.


جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن، ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ. بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي! ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى.


ماناسسە قەبىلىسى ئەفرايىم قەبىلىسىنى يەيدۇ، ئەفرايىم ماناسسەنى يەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارشى بىر ھۆكۈم چۈشۈردى، ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىللارغا يېتىپ كەلدى.


شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سېمىز قويلار بىلەن ئورۇق قويلارنى ئايرىپ سوراق قىلىمەن.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، پادىچى شىر ئاغزىدىن قوينى تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ قولىدا پەقەت قوينىڭ ئىككى تۇيىقى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىلا قالغىنىغا ئوخشاش، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن كېيىن سامارىيەدىكى ئىسرائىللارنىڭ قولىدا پەقەت ئورۇن-كۆرپىلىرىنىڭ پارچىلىرىلا قالىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan