Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 16:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇڭا موئابلارنىڭ نالە-پەريادىغا ئېرەن قىلماڭلار، موئابلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قىرخەرەستىكى كىشمىشلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 16:7
8 Iomraidhean Croise  

ئىسرائىللار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق مېۋىلىق دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىدى. پەقەت سېپىللىرى تاشتىن سوقۇلغان قىرخەرەس شەھىرىلا قالدى. سالغا ئاتقۇچىلار بۇ شەھەرنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلىشتى.


ئۇلار: ‹موئاب مەغلۇپ بولۇپ، نومۇسقا قالدى، ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاڭلار، موئابنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا جاكارلاڭلار!› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭ يۈرىكىم خۇددى ماتەم مۇزىكىسى چالغاندەك موئابلار ئۈچۈن يىغلايدۇ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن زارلانماقتىمەن.


ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟


ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى.


ئۇلارغا ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا زور مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك، يەنى ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى ئارتىپ ۋە كالا، قويلارنى ھەيدەپ ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.


شۇ سەۋەبتىن مەن موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن، پۈتۈن موئاب ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يىغلايمەن، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن قايغۇرىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan