9 قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى. بۇ شەپقەتسىز كۈن، چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر. ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ.
گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي، رەزىللەر زاۋال تاپقاي. ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.
لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار. يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار.
ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.
پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى، بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام.
چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى، ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇتلارغا تولغان باغلىرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئۆزىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، چوشقا گۆشى، چاشقان گۆشى ۋە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يېگەنلەر بىردەك يوقىتىلىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ، ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.
ئۇلار سېپىللىرىڭلارنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتەلمەيدۇ، سېپىلىڭلارنى قايتىدىن ياساپ چىقالمايدۇ. بۇ سېپىللار پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كەلگەندە بولىدىغان ئۇرۇشتا سىلەرنى قوغدىيالمايدۇ.
ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان، ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.
پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.
سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.
قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.
خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ.
ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر، خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر، قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر.
ئەي يېرۇسالېملىقلار، قاراڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى يېقىنلاشماقتا! دۈشمىنىڭلار مال-مۈلكۈڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تالان-تاراج قىلىپ، بۆلۈشىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»