يەشايا 13:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ. Faic an caibideil |
ۋە ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي نەگېبتىكى ئورمانلىق، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. مەن ساڭا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت سەندىكى بارلىق ياشىرىپ تۇرغان ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. بۇ يالقۇنلۇق ئوتنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ، بۇ ئوت جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ.