5 ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.
قانداق يىقىلغاندۇ پالۋانلار، قانداق ۋەيران بولغاندۇ جەڭ قوراللىرى!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى، غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
«مەن مىدىيالىقلارنى بابىللارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن. ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ.
قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.
خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار.
قاراڭلار! پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ، قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغان، ئۇنىڭ تىلى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت.
پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى، ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.
يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟ مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن. ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ.
ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ. مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ!
سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ.
قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.
شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»
چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ، ئەكېلىمەن. ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ. ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.
قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇڭا مەن ئۇلارغا قەھرىمنى چاچىمەن، غەزەپ ئوتۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.