12 ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.
ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
بەختلىكتۇر بوۋاقلىرىڭلارنى تاشقا ئاتقۇچىلار.
شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.
ئۇلارنىڭ ئورمانلىقىدا دەرەخلەر شۇنچىلىك ئاز قالىدۇكى، ھەتتا بىر كىچىك بالىمۇ ئۇلارنى سانىيالايدۇ.
شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەتتە ئايال بىر ئەرنى تالىشىپ: «بىز ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ يەيمىز، ئۆز كىيىمىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىقىمىز. بىزنى ئەمىرلىرىگە ئالغايلا، شەرمەندىچىلىكىمىزنى يوقاتقايلا!» دەيدۇ.
كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،
تاكى مەن بۇ خەلقنى يىراققا سۈرگۈن قىلىپ، بۇ زېمىنلار تاشلىۋېتىلگۈچە داۋاملىشىدۇ.