يەشايا 11:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. Faic an caibideil |
ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»