8 بوۋاقلار كۆزەينەكلىك يىلان ئۇۋىسى يېنىدا ئوينايدۇ، بالىلار زەھەرلىك يىلان ئۇۋىسىغا قولىنى تىقىپ ئوينايدۇ.
يەر ئاغدۇرغاندا ئېتىزدىكى تاشلاردىن، دالادىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ خەتىرىدىن ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.
زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ
ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار، زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار.
كالا بىلەن ئېيىق بىللە ئوتلايدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە ياتىدۇ، شىر كالىغا ئوخشاش سامان يەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.
«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.
ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ، ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ. بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ، تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ.