Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 10:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 10:9
23 Iomraidhean Croise  

بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى.


خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،


شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلدى، پادىشاھ رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيە ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى.


خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى يوقمىدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟


قايسىبىر ئەلنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز ئېلىنى مەن ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟


يوشىيا ئىبادەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغان شۇ ۋاقىتتا، مىسىر پادىشاھى نىكو فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش شەھىرىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا چىقتى. يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى.


ئۇ: ‹مېنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىم پادىشاھتەك قۇدرەتلىكقۇ؟!


بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!


شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ، دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ. قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ، كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ.


خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟


سەن چوقۇم ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟


خامات، ئارپاد، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلار قانداق بولدى؟»


چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ،


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى:


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن بېروتاغا، ئاندىن دەمەشق بىلەن خامات ئوتتۇرىسىدىكى سىبرايىم شەھىرىگە بېرىپ، خاۋران چېگراسىدىكى خازېر-ھاتتىكوندىن ئۆتىدۇ.


ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.


ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan