يەشايا 10:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ. Faic an caibideil |
لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.
قاراڭلار، مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىلغان بۇ شەھەرگە ئاللىقاچان بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى باشلىدىم. شۇڭا سىلەر قانداقمۇ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر! چۈنكى مەن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاۋاتىمەن. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»