يەشايا 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق. Faic an caibideil |
سىلى ئۆزلىرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».
مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.