7 ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.
پادىشاھ ئاخاز گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئارراملار ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئاخازنى يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلار ئاخازنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى.
زۇلۇم، كۈلپەت، دەرد سېلىپ دۈشمەنلىرى، ناۋادا خورلىنىپ، ئازىيىپ كەتسە سانلىرى،
تارتىۋالسۇن جازانىخورلار مال-مۈلكىنى، بۇلىۋالسۇن ياتلار ھەممە بىساتلىرىنى.
غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.
يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.
ئىدومنىڭ ئېقىنلىرى قارا مايغا تولىدۇ، ئۇنىڭ تۇپرىقى كۆيۈۋاتقان قوقاسقا، ئۇنىڭ زېمىنى يالقۇنلاۋاتقان قارا مايغا ئايلىنىدۇ.
بۇزۇۋېتىلگەن، چۆلدەرەپ كەتكەن، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن زېمىنلىرىڭ، ئەمدى پۇقرالىرىڭنىڭ ياشىشىغا تارلىق قىلىدۇ. سېنى يوقاتماقچى بولغانلار ئەمدى سەندىن يىراقلىشىدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، قويلار ئۆز يايلاقلىرىدا ئوتلاپ يۈرگەندەك، ئۈزۈمزارلىقلاردا ئوتلاپ يۈرىدۇ. بايلارنىڭ خارابىلىكىدىمۇ مۇساپىرلار ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر چۆلدەرەپ قالىدۇ، ھەتتا ئېسىل سارايلارمۇ ئادەمسىز قالىدۇ.
كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،
گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.
پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ: «مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن، يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان يېڭى شارابلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ.
شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى، سىئون چۆللەشتى، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى.
بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ.
سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى. شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى.
شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.
شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا.
ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال. بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن. ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»
مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»
ياتلارغا تاپشۇردۇڭ ئۆزۈڭ بەرگەن زېمىنىمىزنى، يات خەلقلەرگە بەردىڭ ئۆيىمىزنى.
مەن سىلەرنى شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، چېدىرلىرىنى تىكىدۇ، مېۋەڭلارنى يەپ، سۈتۈڭلارنى ئىچىدۇ.
نىل دەرياسىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى رەزىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مىسىر زېمىنىنى ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›
يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز. چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.
مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
سىلەر ئەسىر ئېلىنىپ دۈشمىنىڭلارنىڭ ئەللىرىگە ئەكېتىلگەن ۋاقتىڭلاردا، يېرىڭلار دەم ئالىدۇ ۋە ئاخىرى چۆللىشىپ، دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ.
زېمىنىڭلاردىكى شەھىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن، قورغانلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايمەن.
شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم، گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن.
سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر.
ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىدۇ، سىلەر كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىسىلەر.
پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، تۇپراقلىرىنى گۈڭگۈرت ۋە تۇز قاپلاپ كېتىدۇ. ھېچكىم تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ، سالغان ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ، يەردىن ھېچنېمە ئۈنمەيدۇ. بۇ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن ۋەيران بولغان سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.