14 سىلەرنىڭ يېڭى ئاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلار ماڭا ئېغىر يۈك بولدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈشتىن زېرىكتىم.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن.
سىلەر پۇل خەجلەپ ماڭا پۇراقلىق كۈجە تەقدىم قىلمىدىڭلار، قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ ياغلىرى بىلەن مېنى قانائەتلەندۈرمىدىڭلار، ئەكسىچە سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار بىلەن ماڭا يۈك بولدۇڭلار، رەزىللىكىڭلار مېنى چارچىتىۋەتتى.
ئاشلىق بېسىلغان ھارۋا يەرنى چىڭدىغاندەك، ئەمدى مەن سىلەرنى چىڭداپ، مىجىقىڭلارنى چىقىرىۋېتىمەن.
«چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن، بۇلاڭچىلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن، مەن ساداقەتلىك بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.
يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟
سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر» دەيسىلەر. يەنە سىلەر: «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلايسىلەر.
بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم _ داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سېنىڭ ئادەملىرىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن.
دېمەك، ئۇلار ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى. لاۋىيلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگىلەنگەن سان ۋە بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت قىلاتتى.
ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن، بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن. مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن.
ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن.
ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ھارامدىن بالا تاپتى. ئۇلارنىڭ يېڭى ئاي بايراملىرى ئۆزلىرىنى ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ۋەيران قىلىدۇ.