Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ھوشىيا 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ھوشىيا 1:2
24 Iomraidhean Croise  

ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭدىڭ. ئاخاب جەمەتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرغاندەك سەنمۇ يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئازدۇردۇڭ ھەم سەندىن ياخشى بولغان ئۆز ئىنىلىرىڭنى ئۆلتۈردۈڭ.


پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى، بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.


شۈبھىسىزكى، ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار، يوق قىلىسەن ئۇلارنى، يوقىلىدۇ ساڭا ۋاپاسىز بولغانلار.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.


ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى.


ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.


ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ، ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ. شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ، بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ.


پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيە خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.


مەن ئىسرائىلىيەنى ياخشى بىلىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىن يوشۇرالمايدۇ. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى.


خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ:


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.


ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر.


پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan