3 خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى مۇشۇنداق ياراتقانىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا،
ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا ياندۇرغان چاقماقلىرى دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىنىمۇ يورۇتالايدۇ.
قايسى يول سېنى نۇرنىڭ ماكانىغا باشلاپ بارىدۇ؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟
لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.
پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.
مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇ ئەمرى بىلەن ياراتقان ئۇلارنى.
يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.
مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم. مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن. مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.
قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.
نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.
دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا: - لازار، تاشقىرىغا چىق! - دەپ توۋلىدى.
ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ.
چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.
چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»
بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن.
بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.
لېكىن، بۇ ئەمرنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىدا ۋە سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا نامايان بولدى. قاراڭغۇلۇق ئاخىرلاشماقتا، ھەقىقىي يورۇقلۇق بولسا ئۆز نۇرىنى چېچىشقا باشلىماقتا.