لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدى.