2 ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن زېمىنىڭغا پاقا ئاپىتى بىلەن زەربە بېرىمەن.
پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى، قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى.
نەشتەرلىك چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلدى ئۇلارغا، پاقىلارنى ئەۋەتتى زېمىنىنى خاراب قىلارغا.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ پىرئەۋن تولىمۇ جاھىلدۇر. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي.
نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ.
ئەگەر سەن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ،