7 ئۇلار پىرئەۋن بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا، مۇسا 80 ياشتا، ھارۇن 83 ياشتا ئىدى.
ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغاندا، 123 ياشتا ئىدى.
ئۇ قىرىق ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى.
قىرىق يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە كۆرۈندى.
قىرىق يىلدىن بېرى مەن سىلەرنى چۆلدە باشلاپ يۈرۈۋاتىمەن، كىيىمىڭلار يىرتىلىپ، ئايىغىڭلار تېشىلىپ باقمىدى.
_ مەن ھازىر 120 ياشقا كىردىم. ئەمدى سىلەرگە باشلامچىلىق قىلالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمە» دېگەنىدى.
مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 120 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخى خىرەلەشمىگەن، تېنى مادارىدىن قالمىغانىدى.
كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.