مىسىردىن چىقىش 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 لېكىن مەن پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرىمەن، شۇڭا ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. Faic an caibideil |
مەن پىرئەۋننى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن، شۇ چاغدا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى، كارامەتلىرىنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مىسىرغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەر قورقىۋاتقان بارلىق يات ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.