Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مىسىردىن چىقىش 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھارۇن تايىقىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مىسىردىن چىقىش 7:10
10 Iomraidhean Croise  

ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى، جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى.


ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا يىلاندىن قاچتى.


ئەتە ئەتىگەندە ئۇ نىل دەرياسىغا بارىدۇ. سەن دەريا بويىدا كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش. يىلانغا ئايلانغان ھېلىقى تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋال.


مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار تاپىلىغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈردى. ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا تايىقىنى كۆتۈرۈپ، نىل دەرياسىنىڭ سۈيىگە ئۇرۇۋىدى، دەريا سۈيى شۇئان قانغا ئايلاندى.


پەرۋەردىگار ئۇلارغا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مۇسا بىلەن ھارۇن دەل شۇنى قىلدى.


_ پىرئەۋن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىڭلارنى بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار» دەيدۇ. ئەي مۇسا، ئۇ چاغدا سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا تاشلا» دېگىن. تاياق يىلانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.


ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن.


يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.


قۇلاق سېلىڭلار! مەن سىلەرگە يىلان-چاياندەك شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يانجىپ تاشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇق بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan