8 پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ياكى دەسلەپكى مۆجىزىدىن كېيىن يەنىلا قايىل بولمىسا، كېيىنكى مۆجىزە بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ: _ مەن جان ئالىدىغان ياكى جان ئاتا قىلىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ بۇ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى.
خۇدا ئادەمنى يارىلاندۇرسا، يارىسىنى تاڭىدۇ، ئادەمنى زەخىملەندۈرسە، زەخىمىسىنى داۋالايدۇ.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ۋە مىسىردا ئۆزى كۆرسىتىشكە بۇيرۇلغان بارلىق مۆجىزىلەرنى ھارۇنغا سۆزلەپ بەردى.
ئاندىن پەرۋەردىگار: _ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقاردى، بۇ قېتىم قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى.
ئەگەر بۇ ئىككى مۆجىزىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىسا ۋە سۆزۈڭگە ئىشەندۈرەلمىسە، ئۇ چاغدا سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆك، سۇ شۇ ئان قانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.
ئۇ بىزگە، ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە دېگەندەك، چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ؟!» دېيىشىدۇ.
گەرچە ئۇ خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.
بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.
گىدئون: _ ئەگەر ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولىدىغان ئادەم مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز.