4 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇت، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋىدى، يىلان يەنە تاياققا ئايلىنىپ قالدى.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى ئالغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى سوزۇپ، پالتىنىڭ بېشىنى ئالدى.
بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا يىلاندىن قاچتى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ مۆجىزە ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى.
يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.
قۇلاق سېلىڭلار! مەن سىلەرگە يىلان-چاياندەك شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يانجىپ تاشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇق بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.