16 ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭ بولۇپ، ساڭا ۋاكالىتەن خەلققە سۆز قىلىدۇ. سەن خۇددى ماڭا ئوخشاش، ئۇنىڭغا نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىسەن.
مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدانىڭ ساڭا يار بولۇشىنى تىلەيمەن. سەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خەلققە ۋاكالىتەن خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلغىن.
دېگەنىدىم سىلەرگە: سىلەر ‹ئىلاھلار›، ھەممىڭلار ئۇلۇغ خۇدانىڭ ‹پەرزەنتىسىلەر›!
سەن بېرىۋەر، مەن سېنى سۆزمەن قىلىمەن، ساڭا نېمە دېيىشنى ئۆگىتىمەن، _ دېدى.
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم مۇسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى.
ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.