Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مىسىردىن چىقىش 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 لېكىن مۇسا: _ ئى ئىگەم، مېنى ئەيىبكە بۇيرۇما، مەن ئەزەلدىنلا سۆزمەن ئادەم ئەمەسمەن. مەن سەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداقمەن، مەن مانا مۇشۇنداق تىلى ئېغىر ئادەممەن، _ دېدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مىسىردىن چىقىش 4:10
11 Iomraidhean Croise  

«سىلەر ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان ئادەم ئىكەنسىلەر-ھە، سىلەر ئۆلسەڭلار ھېچقانداق دانا ئادەم قالمايدىكەن-دە!؟


لېكىن مۇسا خۇداغا: _ مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى.


بىراق مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمىسە، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىسا ۋە ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە پىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن تىلى ئېغىر بىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


لېكىن مۇسا: _ مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پىرئەۋن مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.


مەن پەرۋەردىگارغا: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن قانداق سۆزلەشنى بىلمەيمەن. مەن تېخى ياش بىر يىگىت! _ دېدىم.


مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم.


مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan