3 ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى.
تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 115 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.
ھارۇن ئۇلارغا: _ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
ھارۇن ھالقىلارنى ئېرىتىپ، موزاينىڭ بۇتىنى ياسىدى. خەلق: _ ئەي ئىسرائىللار، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇ! _ دېيىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادىلا تاقىمىدى.
ھالقىلار، بىلەزۈكلەر، چۈمبەللەر،
بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.
بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن، ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر. ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان.