مىسىردىن چىقىش 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تۇيۇقسىز چاتقاللىقتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ كۆردىكى، چاتقاللىقتا ئوت كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاتقاللىق كۆيمەيۋاتاتتى. Faic an caibideil |
ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتا ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ.
بىراق، «ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، تىرىلىشنىڭ بارلىقىنى مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئىسپاتلاپ بەردى. چۈنكى، گەرچە ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار مۇسا پەيغەمبەرگە قارىغاندا ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «خۇدا: ˜مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!Œ دېگەن.»