شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كىشىلەر 12 جۈپ ئۆكۈز بىلەن يەر ئاغدۇرۇۋاتاتتى. ئېلىشا بولسا 12-جۈپ ئۆكۈزنىڭ يېنىدا ئىدى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى.