8 مەلىكە: _ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى.
ۋاز كەچسىمۇ مېنىڭدىن ئاتا-ئانام، ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم.
بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە: _ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلاردىن بوۋاقنى ئېمىتىدىغانغا بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
مەلىكە بۇ ئايالغا: _ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت، ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى.
قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.
كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.