2 ئايالى كېيىنكى ھامىلىدارلىقىدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ ئوماقلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى.
ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش بىلەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.
ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.
قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.
ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى.
مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن،
كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقتا چاقىرغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مول ئىلتىپات كۆرسىتىپ، پۈتۈن زېمىنىنى ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن تولدۇرسۇن. بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونسۇن.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى. چۈنكى، ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى.
يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ، داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: _ دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغىن! _ دېدى.