3 تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] بولۇپ، مۇسا «مەن يات ئەلدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان» دەپ ئوغلىغا شۇ ئىسىمنى قويغانىدى.
مۇسانىڭ گېرشوم ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.
زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.
مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىدىيان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.
ئېتىقادى بار بۇ كىشىلەر خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئېتىقادى بىلەن يىراقنى كۆرۈپ، بۇ ۋەدىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەر يۈزىدە ياقا يۇرتلۇق ۋە مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقانىدى.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.
دان قەبىلىسىدىكىلەر ھېلىقى ئويما بۇتنى تىكلىدى. ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغۇچە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دان قەبىلىسىگە روھانىي بولۇپ كەلدى.