مىسىردىن چىقىش 16:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 _ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى. Faic an caibideil |
بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلارنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق.
سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!