9 پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا: «پىرئەۋن سېنىڭ سۆزۈڭنى داۋاملىق رەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن مىسىردا تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىمەن» دېگەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن پىرئەۋننىڭ يېنىغا يەنە بارغىن. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. مەقسىتىم كۈچ-قۇدرىتىمنى مىسىر خەلقىگە نامايان قىلىشتۇر.
ماڭا مەلۇمكى، مىسىر پادىشاھىنى قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: _ مىسىرغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن سېنى كۆرسىتىشكە قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن، ئۇ خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ.