3 (پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.)
«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ،
قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.
چۈنكى موردىكاي ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق ئادەمگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ باراتتى.
ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.
ئۇلار يەنە مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە مىسىرلىقلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى.
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار مىسىرلىقلاردىن نېمە سورىسا، شۇنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كەتتى.
سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىمەن، شۇڭا سىلەر مىسىردىن قۇرۇق قول چىقمايسىلەر.
سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.
مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى.
ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پۈتۈن زېمىندا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىدى.
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يوشۇۋانى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆككە كۆتۈردى. خەلق مۇسا پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسا، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكۈچە ئۇمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەندى.
قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.