Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مىسىردىن چىقىش 11:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەمدى سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار مىسىرلىق قوشنىلىرىنىڭكىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سوراپ ئالسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مىسىردىن چىقىش 11:2
16 Iomraidhean Croise  

ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.


شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى ماڭا ئېلىپ بەردى.


ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى.


پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.


سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىمەن، شۇڭا سىلەر مىسىردىن قۇرۇق قول چىقمايسىلەر.


ئىسرائىل ئاياللىرى مىسىردىن چىقىدىغاندا، مىسىرلىق قوشنىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەر بىلەن بالىلىرىنى ياساندۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋالغان بولىسىلەر، _ دېدى.


مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېدىم. ئۇلار ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملارنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، ئۇلار ئوتتىن مۇشۇ موزاي بولۇپ چىقتى.


ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.


ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا، گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا.


كۈمۈش مېنىڭكىدۇر، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر.


ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan