مىسىردىن چىقىش 11:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.
_ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.