Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




مىسىردىن چىقىش 10:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارساڭلار بېرىڭلار. لېكىن زادى كىملەر بارماقچى؟ _ دېدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




مىسىردىن چىقىش 10:8
6 Iomraidhean Croise  

شۇڭا پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن.


پىرئەۋن مۇسانى چاقىرتىپ: _ سىلەر بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادىتىڭلارنى قىلىڭلار. ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ. لېكىن كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلار بۇ يەردە قالسۇن، _ دېدى.


ئۇ كېچە پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ دەرھال كېتىڭلار! ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. ئۆزۈڭلار تەلەپ قىلغىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.


پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مىسىر چېگراسى ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى.


پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.


مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan