3 ئەستىر: _ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنىڭ ئىلتىماس ۋە تەلىپىم شۇكى، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا، خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغايلا.
ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سېلىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. ئۈچىنچى ئەللىكبېشى ئىلياسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ئۆتۈنەي، ماڭا ۋە ئادەملىرىمگە ئىچلىرى ئاغرىسۇن، جېنىمىزنى ساقلاپ قالغايلا.
موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈللۈكىگە چىقىپ كەتتى. ھامون پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قېلىپ قالدى.
_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا.
شەيتان جاۋابەن: _ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر.
ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن.